سەئۇدى ئەرەبىستاندا دائېش مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ.

651592
سەئۇدى ئەرەبىستاندا دائېش مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىقى ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

15-يانۋاردىن 16-يانۋارغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا 13 دۆلەتنىڭ ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكارنىڭمۇ بۇ مۇھىم يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يىغىندا دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ كېڭەش قىلىنىدۇ.

يىغىندا تۈرك دائىرىلىرى يىغىن ئەھلى دۆلەتلەردىن فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر