ئامېرىكا پالاتاسى رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇداخىلە قىلىپ قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئامېرىكا پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا تور ھۇجۇمى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

651337
ئامېرىكا پالاتاسى رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇداخىلە قىلىپ قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومىتېتنىڭ باشلىقى شىمالىي كارولاينا پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى رىچارد بۇر بىلەن كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىرجىنىيە پالاتا ئەزاسى مارك ۋارنېر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا تور ھۇجۇمى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالار دائىرىسىدە بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق شەخسلەر ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ سايلام رىقابىتى خىزمىتى ئىشلىگەن بەزى ئادەملىرى ئۈستىدىنمۇ ئۇلارنىڭ موسكۋادىكى مەلۇم شەخسلەر بىلەن تور ھۇجۇمى توغرۇلۇق كۆرۈشۈپ كۆرۈشمىگەنلىكى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇر بىلەن ۋارنېر باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتكەن رۇس ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر