ئەردوغان رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

650848
ئەردوغان رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان رۇھانى، «ھەممىمىز  سۈرىيەدە ئومومىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئەنقەرە – موسكۋا – تېھران ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان ھەمكارلىق رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى جەھەتتىن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.

سۈرىيە كۈنتەرتىپى بىلەن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان يىغىن توغرىلىقمۇ توختالغان رۇھانى، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ بۇ ھەمكارلىقتىن كېيىن سۈرىيەدە ۋە رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىشقا بولغان ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «رايوندىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئورتاق دۈشمىنىمىزدۇر. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى غەلىبە بىلەن تاماملاشتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران خەلقى ھەم دۆلىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رافسانجانىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەنقەرە – تېھران مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش يولىدا ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ رايوندىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنى يوقىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر» دېدى.

سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئۇرۇش توختىتىش ئاساسلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر