ئامېرىكا پولشاغا داۋاملىق قىسىملار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ناتو ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە پولشاغا داۋاملىق قىسىملار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتمەكتە.

650657
ئامېرىكا پولشاغا داۋاملىق قىسىملار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپ ساندىكى ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى گېرمانىيە – پولشا چېگراسىدىن ئۆتۈپ، زاگان شەھىرىگە يېتىپ باردى.

بۇ دائىرىدە تۇنجى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى زاگانغا يېتىپ بارغانىدى.

18 – يانۋارغىچە  پولشانىڭ سۋىئېتوسزوۋ، سكۋىئېرينا ۋە بولېسلاۋىئېك شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قىسىملار پولشادا ئۇدا 9 ئاي قالىدۇ.

قىسىملارنىڭ بىر قىسمى بالتىق دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە، بۇلغارىيە ۋە رومنېيەگىمۇ  ئەۋەتىلىدۇ.

ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا ناتو شەرقىي چېگراسى ئۈچۈن 3 – برونىلاشقان قىسمىدىن 3 مىڭ 500 ئەسكەرنى ئەۋەتتى.

رۇسىيەدىن ئامېرىكىنىڭ پولشاغا قوشۇن ئەۋەتىشىگە قارىتا بايانات كەلدى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ھەرىكەتلەر بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزگە ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا دۆلىتى بولمىغان ئۈچىنچى بىر مەملىكەتنىڭ چېگرالىرىمىزنىڭ يېقىنلىرىدا ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى زورايتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

پولشادا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئەسكەر سانىنىڭ مەۋجۇت ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن مۇھىم ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان پېسكوۋ، «مىڭ ياكى 10 مىڭ ئەسكەر مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى زورايتىشى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر