ئەسەد ھۆكۈمىتى دەمەشىقتىكى سۇ قىسلىقىغا چارە ئىزدىمەكتە

بەزى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار دەمەشىقنىڭ سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان ۋە سۇ ئامبىرى جايلاشقان بارادا ۋادىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى رەت قىلدى.

650177
ئەسەد ھۆكۈمىتى دەمەشىقتىكى سۇ قىسلىقىغا چارە ئىزدىمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە يۈز بەرگەن سۇ كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈنجى قەدەم تاشلاندى.

ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، بارادا ۋادىسىدىكى 12 يېزا خەلقى ئەسەدنىڭ باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.

بەزى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار دەمەشىقنىڭ سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان ۋە سۇ ئامبىرى جايلاشقان بارادا ۋادىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە باشلىغان.

ۋادىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلەر ئارىسىدا 60 كە يېقىن قوراللىق قوزغىلاڭچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بولسا، بارادا ۋادىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرماقتا. يەنە بەزى يېزىلاردا قاتتىق ئېتىشىشلار بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دەمەشىق ۋالىيسى كېلىشىمدىن كېيىن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ بارادا ۋادىسىغا كىرىدىغانلىقىنى ۋە سۇ سىستېمىسىنى رېمۇنت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بارادا ۋادىسى پايتەخت دەمەشىقنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 22 – دېكابىردىن بۇيان دەمەشىقكە سۇ بېرىلمىگەن ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەنە بىرى تەرەپتىن ئەسەد ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىرروللۇقىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەقىي گۇتا جەنۇبىي ھەلەب ۋە ئىدلىبكە قىلغان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر