ئىسلام ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىگە پاكىستانلىق قوماندان
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ئىسلام ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولدى.
648367
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى راھىل شېرىفنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى 41 ئەزالىق «تېررورىزمغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى» نىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ھاۋاجا ئاسىف مەركىزى قارارگاھى پايتەخت رىيادتا تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قوماندانلىقىغا شېرىفنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2015 – يىلى 14 – دېكابىر كۈنى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.