ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مەسىلىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش جەريانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مەسىلىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

647790
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن  چېكىنىش مەسىلىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش چىقىش جەريانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق كەسكىن تالاش-تارتىشلار بولماقتا.

دۇنيانىڭ نەزىرى بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئاغدۇرۇلدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ ماكانلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش ئەركىنلىكىگە قارشى چىقىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش جەريانىنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنى كۈچەيتمەكتە.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئەنگلىيە ئەركىنلىكلەر مەسىلىسىنى قوبول قىلمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مېركېل كۆھلىن شەھىرىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرېكىس مۇزاكىرىلىرىنى مەنپەئەتىگە زىت كەلمىسە قوبۇل قىلىپ كەلسە قوبۇل قىلمايدىغان ئىش بولمايدۇ. ئورتاق بازارغا كىرىشنىڭ شەرتلىرى ئېنىقتۇر، 4 ماددىللىق ئەركىنلىك مەسىلىسى قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.»

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا ماي، ئالدىنقى كۈنى بايانات بەرگەندە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ھەم ئايرىلىپ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولايلى دېيەلمەيمىز.»

بۇ سۆزلەرنىڭ «لوندوننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى تەس بولىدۇ»دېگەن تەرىقىدە ئىزاھلىنىشىغا قارىتا، ئەنگلىيە فۇندىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتتى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ماي ئارقىدىنلا بۇ سۆزىنى «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى تەسكە توختايدۇ، دېيىش توغرا ئەمەس»دېگەن تەرىقىدە ئۆزگەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر