مۇسۇلدا دائېش ئوت قويۇۋەتكەن بەزى نېفىت قۇدۇقلىرىدا ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى

مۇسۇلنىڭ قەييەرە ناھىيەسىدە دائېش ئوت قويۇۋەتكەن 25 نېفىت قۇدۇقى ئىچىدىن 16سىدە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى.

647794
مۇسۇلدا دائېش ئوت قويۇۋەتكەن بەزى نېفىت قۇدۇقلىرىدا ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەييەرە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئوت قويۇۋېتىلگەن 25 نېفىت قۇدۇقى ئىچىدىن 16سىدە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى.

قەييەرەدە باشقا نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈنمۇ خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

دائېش نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇۋېتىشتىن ئىلگىرى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن مىنالارنى تازىلاش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش تەسكە توختىماقتا.

دائېش 2014-يىلى ئىيۇندىن بۇيان چاڭگىلىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان قەييەرە ناھىيەسى ئاۋغۇست ئېيىدا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ناھىيەدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر