گېرمانىيەدە بىر توپ كىشىلەردىن تاياق يىگەن سۈرىيەلىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

گېرمانىيەنىڭ برېمېن شەھىرىدە يېڭى يىل كېچىسى بىر توپ كىشىلەردىن تاياق يىگەن 15 ياشلىق سۈرىيەلىك مۇساپىر بالا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

647238
گېرمانىيەدە بىر توپ كىشىلەردىن تاياق يىگەن سۈرىيەلىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برېمېن تەپتىش ئىدارىسىنىڭ خادىمى فرانك پاسسادې يېڭى يىل كېچىسى بىر توپ كىشىلەردىن تاياق يىگەن سۈرىيەلىك بالىنىڭ داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق جىنايەتچىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى ساقچىلارنىڭ سۈرىيەلىك بالىنى ئۇرغانلار ئىچىدە نېمىسلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش سەۋەبىدىن ياكى رادىكال ئوڭچىلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنمىغان دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر