ئامېرىكا 4 تۇتقۇننى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى 4 تۇتقۇننى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتتى.

645621
ئامېرىكا 4 تۇتقۇننى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 40 ياشلار چامىسىدىكى 3 ى يەمەن پۇقراسى، بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولۇپ، 4 تۇتقۇننى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئومابانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم ۋەدىلىرىدىن بىرى گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئىدى. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىمزالىغان قارارنامە ئارقىلىق تۈرمىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاشقا يوليۇرۇق چۈشۈرگەن ئوباما بۇ نىشانىغا تېخىچە يېتەلمىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ 4 تۇتقۇندىن كېيىن گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 55 مەھبۇس قالىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا Twitter سەھىپىسىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ «ناھايىتى خەۋپلىك» بولغانلىقتىن قويۇپ بېرىلمەسلىكى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

شۇ كۈنى ترامنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست بولسا ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر