ئالما شىركىتى، «نىيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ ئەپ پىروگراممىسىنى خىتاي ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋەتتى

ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «ئالما شىركىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يۇقىرى تىراژلىق گېزىتى «نىيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ ئەپ پىروگراممىسىنى خىتاي ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋەتتى.

645814
ئالما شىركىتى، «نىيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ ئەپ پىروگراممىسىنى خىتاي ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نىيۇ يورك ۋاقتى»، مەزكۇر قارارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئاي يوللىغان تەكلىپىگە بىنائەن چىقىرىلغانلىقىنى يازدى.

«ئالما شىركىتى» بولسا، شىركەتنىڭ «يەرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى نەزەردە تۇتۇپ، گېزىتنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە خەۋەر ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ «ئالما شىركىتى» نىڭ باياناتچىلىرىدىن فرېد سائىنز، «نىيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئەپ پىروگراممىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەپنىڭ يەرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋاقىپلاندۇرۇلدۇق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خۇلاسىلىگەندە، ئەپ خىتاي ئەپ بازىرىدىن چىقىرىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال ئۆزگەرگەندە ئەپ بازىرى (App Store)،«نىيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ ئەپىنى خىتايدا قايتىدىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان ھالەتتە ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكلىپ سۇنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ئالما شىركىتى»، گېزىتنىڭ ئەپىنىڭ خىتاينىڭ قايسى يەرلىك بەلگىلىمىلرىگە قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىدى، «نىيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى «ئالما شىركىتى» دىن قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«The Financial Times» ۋە «Wall Street Journal» دېگەنگە ئوخشاش باشقا گېزىتلەرنىڭ خەۋەر ئەپلىرى «ئالما شىركىتى» نىڭ خىتاي ئەپ بازىرىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

«ئالما شىركىتى» بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتايدا بىر قانچە قېتىم چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. بولۇپمۇ دەتالاشلىق، مۇستەقىل فىلىم «10 يىل» نىڭ بازارغا سېلىنىشىدىن كېيىن ئايتۇنېس موۋىي ۋە ئايبۇكس ستورنى تاقىۋېتىشكە قىستالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر