ترامپنىڭ تەنقىدى تويوتا شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى

ئامېرىكىنىڭ 2016-يىلى 8-نويابىردىكى سايلىمىدا پىرېزدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ، ياپونىيە ئاپتوموبىل شىركىتى تويوتانىڭ مېكسىكىغا فابرىكا قۇرۇش پىلانىنى تەنقىد قىلدى.

645839
ترامپنىڭ تەنقىدى تويوتا شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان دونالد ترامپ، تويوتا شىركىتىنىڭ «Corolla» ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكىغا سېتىش ئۈچۈن مېكسىكىغا يېڭى زاۋۇت قۇرۇش پىلانىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ: «فابرىكىنى يا ئامېرىكىغا قۇر يا يۇقىرى باج تۆلە» دېدى.

تويوتا شىركىتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى پاي چەكلىرى دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدىن كېيىن %0.7 چۈشۈپ كەتتى.

دونالد ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى «لوكخىد مارتىن» (Lockheed Martin) «بويىن» ۋە ئاپتوموبىل شىركىتى «جېنېرال موتورس» نىمۇ تەنقىد قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر