رۇسىيە سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچىنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى

رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرى گېراسىموۋ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچىنى قىسقارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

645810
رۇسىيە سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچىنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيە كىرىزىسىغا چارە تېپىش مەقسىتىدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىننىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقان بىر پەيتتە چىقىرىلغان بۇ قارارنى، رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرى گېراسىموۋ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى كۇزنېتسوۋ ئاۋىياماتكىسى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق دېڭىز كۈچلىرى چېكىندۈرۈلىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئاندرېي كارتاپولوۋمۇ، كۇزنېتسوۋ ئاۋىياماتكىسىدىن سۇرىيە دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇۋاتقان 2 ئاي جەريانىدا 1252 نىشانغا جەمئىي 420 قېتىم ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چېكىنىش ھەرىكىتى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن باشلىدى؛ پۇتىن، سۈرىيەدە 30 – دېكابىردا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ قىسقارتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، چېكىنىشى قارار قىلىنغان كۇزنېتسوۋ ئاۋىياماتكىسىدىن قوزغالغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە، دېڭىز ئارمىيەسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر