ئىراق ئارمىيەسى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى.

645202
ئىراق ئارمىيەسى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسىنىڭ «ئەلجەزىرە» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال قاسىم مۇھەممەدى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،  ئىراق قىسىملىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاننا، راۋا ۋە ئەلقائىم رايونلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بۈگۈن تاڭ سەھەردە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالدى بىلەن كۆپلىگەن ئالدىنقى سەپلەردىن ئاننا رايونىغا  ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى، رايون دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئىراق قىسىملىرىنىڭ راۋا ۋە ئەلقائىم رايونلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇھەممەدى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ دائېشقا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق ئارمىيەسى 2014 – يىلى ئىيۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن 17 – ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ ھاۋادىن ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا ھازىرغىچە ئاساسلىقى شەھەرنىڭ شەرقىي رايونلىردا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر