سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر فىرانسىيەدە قولغا ئېلىندى

كوسوۋانىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن رامۇش ھارادىناچ فىرانسىيەدە قولغا ئېلىندى.

645028
سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر فىرانسىيەدە قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋا ئۇرۇشىدا كوسوۋا ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۇكاگجىن رايونىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە نۆۋەتتە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان «كوسوۋانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىتتىپاق ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھارادىناچ سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن قولغا ئېلىندى.

كوسوۋانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىتتىپاق ھەرىكىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تىمە كاررىجاج ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ھارادىناچنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كوسوۋانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىتتىپاق ھەرىكىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھارادىناچنىڭ سېربىيە تەرىپىدىن 2004 – يىلى چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى باسېل – مۇلھوس – فرېيبۇرگ ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئادالەتسىز بىر قىلمىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، فىرانسىيە دائىرىلىرى ھارادىناچنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى چاقىرىق قىلىندى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىنمۇ كوسوۋا دائىرىلىرىنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

ھارادىناچ 2015 – يىلىمۇ مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن سىلوۋېنىيەدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر