ھاماس پەلەستىن مىللىي كېڭىشى يىغىنى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا چاقىرىلىدىغان پەلەستىن مىللىي كېڭىشى يىغىنى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

645010
ھاماس پەلەستىن مىللىي كېڭىشى يىغىنى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، 10-، 11- يانۋاردا لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا چاقىرىلىدىغان پەلەستىن مىللىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى قارار قىلدى.

ھاماس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماس رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ پەلەستىن مىللىي كېڭىشى باشلىقى سەلىم ئەززۇنۇننىڭ «تەييارلىق كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپى» نى مۇھاكىمە قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھاماسنىڭ مەزكۇر يازما باياناتىدا، «پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىكى بىرلىكنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە يارىشىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، پارچىلىنىشقا خاتىمە بېرىلىش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، 10-، 11- يانۋاردا لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش قارار قىلىندى» دېيىلدى.

پەلەستىننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى پۈتكۈل پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر «پارلامېنت» دەپ قارىلىۋاتقان پەلەستىن مىللىي كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرى، «ھاماس» بىلەن «ئىسلامىي جىھاد» تىن باشقا پەلەستىنلىكلەرنى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر