گىرېتسىيە قاچقۇن ئىسيانچى ئەسكەرلەرنى سوتلاشقا تەييارلانماقتا

15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەر ئاتىنادا سوتلىنىدۇ.

643210
گىرېتسىيە قاچقۇن ئىسيانچى ئەسكەرلەرنى سوتلاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەر، 10 – يانۋاردا سوتلىنىدۇ.

8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىسقا مۇددەت ئىلگىرى پايتەخت ئاتېنا (ئافېنا) دىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە قاراپ چىقىلغان ئۈچ ئايرىم سوتتىن كېيىن، 3 ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇلۇش تەلىپى قوبۇل قىلىنغان، 5 ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەلەپ رەت قىلىنغانىدى.

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى باش مۇپەتتىشى ئانتونىس لىئوگاس، قايتۇرۇلۇش تەلىپى رەت قىلىنغان ئىسيانچىلارغا ئالاقىدار قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇندى، سوت تەرىپىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلغان 3 ئىسيانچى ئەسكەرمۇ ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر