فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند تۈنۈگۈن (2-يانۋار) ئىراق پايتەختى باغدادقا يېتىپ بېرىپ، بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى ۋە پەشمەرگە قىسىملىرى بىلەن فىرانسىيەلىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەردىن ھال سورىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ئىراققا بىر كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ باردى. ئۇ ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد ماسۇم ۋە باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىبادى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەربىلغا باردى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان پەشمەرگە قىسىملىرى (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) ۋە فىرانسىيەلىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەر تۇرۇۋاتقان ئالدىنقى سەپتىن ھال سورىدى. ئۇ ئەربىلغا قايتقاندى كېيىن، بارزانى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇ سۆزىدە، مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە پەشمەرگەنىڭ قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنىڭ باھار ئايلىرىدا غەلىبە قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىغاندىن كېيىن، مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بارلىق ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك» دېدى.