چېخىيە، خۇسۇسىيلارنىڭ قوراللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا
چېخىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مىلان چوۋانېك، چېخىيەنىڭ خۇسۇسىيلارنىڭ قوراللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە (چېخ) تېررورلۇققا قارشى خۇسۇسىيلارنى قوراللاندۇرۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چېخىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مىلان چوۋانېك، بېرلىن ۋە نايس شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ «ئاكتىپ ۋە تېز مۇداپىئەلىنىش» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن، خۇسۇسىيلارنىڭ قوراللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
چېخىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ھەرقانداق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەندە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چوۋانېك، بەلگىلىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليون ئەتراپىدا بولغان چېخىيەدە 800 مىڭ ئادەمنىڭ قانۇنلۇق قورالى بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.