بىرازىلىيەدىكى بىر تۇرمىدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 60 مەھبۇس ئۆلدى

بىرازىلىيەنىڭ مەلۇم بىر ئۆلكىسىدىكى بىر تۇرمىدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 60دەك مەھكۇم ئۆلدى.

642909
بىرازىلىيەدىكى بىر تۇرمىدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 60 مەھبۇس ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ ئامازوناس ئۆلكىسىدىكى بىر تۇرمىدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 60 ئادەم ئۆلدى.

بىر-بىرىگە رەقىب ئىككى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچى گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەل ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتتى، ئىسيان تەخمىنەن 20 سائەت داۋاملاشتى.

ئىسياندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىمالىنى بارلىقى،ئۆلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشلىرىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقى ياكى بەدەنلىرىنىڭ پارچە—پارچە قىلىنىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

توقۇنۇشلار ئەسناسىدا قېچىپ كەتكەن تەخمىنەن 49 مەھبۇس تۇتۇلدى. ئىسياندا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 12 گۇندىپاي قۇتقۇزۇپ قېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر