سومالىدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.

642423
سومالىدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا خەلقئارا ئايرورۇدۇمغا يېقىن بولغان بىخەتەرلىك ئېغىزىدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كېلىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 3 كىشى ئۆلگەن.

ساقچى ئەمەلدارى مۇھەممەد ھۈسەيىن، موگادىشۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېقىن بولغان بىر بىخەتەرلىك ئېغىزىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىقنى قوغداش ئىشخانىسىغىمۇ يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن بىنالارغا زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئارىلىقتا، رايوندا يەنە پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، ھەتتا ئوق ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر