فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند بىلەن ئىراق رەھبەرلىرى دائېش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش قىلىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولەند دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش قىلىش ئۈچۈن ئىراققا باردى.

642177
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند بىلەن ئىراق رەھبەرلىرى دائېش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئىراققا باردى.

ئىراق باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند، پايتەخت باغدادتىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، پىرېزىدېنت فۇئاد ماسۇم ۋە باش مىنىستىر ھايدار ئەل-ئىبادى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

كۆرۈشۈشتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى كېڭەش قىلىنىدۇ.

پارلامېنت باشلىقى سەلىم-ئەل جۇبۇرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلىۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاندنىڭ ئەربلىگىمۇ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر