باغداتتا شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ باغداتتا كۆپ ھاللاردا پۇقرالارغا مۇشۇ خىل ھۇجۇملاردا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

642314
باغداتتا شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ شەرقىدە شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان سادر رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 35 كىشى يارىدار بولدى.

ساقچىلار ۋە سەھىيە خادىملىرى ھۇجۇمنىڭ ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۈستىگە ئالمىدى. بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ باغداتتا كۆپ ھاللاردا پۇقرالارغا مۇشۇ خىل ھۇجۇملاردا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئەلئەنبار ۋىلايىتىدە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 4 ئىراق ئەسكىرى ئۆلدى ۋە 5 ئەسكەر يارىدار بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر