باغدات بۈگۈن بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن لەرزىگە كەلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا بۈگۈن 2 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.

641501
باغدات بۈگۈن بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن لەرزىگە كەلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى بىر بازاردا 2 بومبا پارتلاپ، 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 50 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى.

ھۇجۇمنىڭ ئەسىناق رايونىدا، نۇرغۇنلىغان دۇككان بار يەردە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشلاردىن بىرسىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. يەنە بىرسىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. 

ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر