سۈرىيە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

640641
سۈرىيە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە كاپالەتچى سۈپىتىدە قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلىنغان گۇرۇپپىلار سەپنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈركىيە ۋاقتى 01:00 ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە تەرەپلەر، ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە قوراللىق ھۇجۇملارنى توختىتىشنى، كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارنى بىر – بىرىگە قارشى كېڭەيتمەسلىكنى ئۆزئارا ۋەدە قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سۈرىيەدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەنقەرەمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇرۇش توختىتىشقا تەرەپ بولغان گۇرۇپپىلار نامىدىن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئۇسامە ئەبۇ زەيدمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كېلىشىمگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭمۇ كېلىشىمگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنقەرە بىلەن موسكۋا، 13 – دېكابىردا ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇشى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 22- دېكابىردا ئاخىرلاشقان تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئۇرۇش توختىتىشنى دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيتىش ئۈچۈن تەرەپلەرگە سۇنىدىغان تەكلىپ لايىھەسى تەييارلاپ چىققانىدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۇتۇقلۇق ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلايدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيەدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئاستانەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر