تالىباننىڭ بازارغا يالغۇز چىققان بىر ئايالنىڭ بېشىنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سارىپۇل شەھىرىدە يالغۇز سودا – سېتىق قىلغىلى چىققان بىر ئايالنىڭ بېشىنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
640234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سارىپۇل شەھىرىدە ئېرى ئىرانغا ئىشلىگىلى كەتكەن بىر ئايالنىڭ يالغۇز سودا – سېتىق قىلغىلى چىققانلىقى ئۈچۈن، تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېشى ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تالىبان بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى سارىپۇل شەھىرىدە ئاياللارنىڭ يالغۇز ھالەتتە كوچىغا چىقىشىنى مەنئىي قىلغانىدى.