«ئەردوغان ھەقلىق، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپ نەرسە بار»

موسكۋا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دائېشنى قوللاۋاتىدۇ» دېگەن باياناتىنى قوللىدى.

639509
«ئەردوغان ھەقلىق، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپ نەرسە بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى فېدېراتسىيە كېڭىشى ئاخبارات سىياسەتلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالېكسېي پۇشكوۋ، ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بەرگەن پۇشكوۋ، «ئەردوغان ھەقلىق؛ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپ نەرسە بار. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بۇ ئەھۋالنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى بولسا، بىمەنىلىكتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گىنە پىرېزىدېنتى ئالفا بىلەن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەنىدى: «بىرلەشمە كۈچلىرى نۆۋەتتە ئەپسۇسكى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ. بېرىلگەن ۋەدە پەرقلىق ئىدى، ئەمما ھازىر پەرقلىق ئورۇندا تۇرۇشماقتا. ئۇنداق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىز ھازىر يولىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز ۋە داۋاملاشتۇرىمىز. چىقىلغان بۇ يولدىن قايتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر