ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، پىئارىل خاربۇر پورتىنى زىيارەت قىلىدۇ

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما پىئارىل خاربۇر پورتىنى زىيارەت قىلىدۇ.

638683
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، پىئارىل خاربۇر پورتىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، پىئارىل خاربۇر پورتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىغا يېتىپ باردى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن بىرلىكتە  پىئارىل خاربۇردىكى ئارىزونا خاتىرە مۇنارىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئابې بىلەن باراك ئوباما پىئارىل خاربۇر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاتاپ بەرپا قىلىنغان قەبرىستانلىققا گۈل-چەمبەرەك قويۇپ دۇئا قىلىدۇ.

شىنزو ئابې 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان پىئارىل خاربۇر پورتىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياپونىيە باش مىنىستىرى بولۇپ قالىدۇ.

مايدا پىرېزىدېنت باراك ئوباما 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئاتوم بومبىسى ئېتىلغان خىروشىمانى زىيارت قىلىپ يادرو ھۇجۇمى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.  

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بولسا پىئارىل خاربۇر زىيارىتىدە ئامېرىكا خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپون ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى 1941-يىلى7-دېكابىردا پىئارىل خاربۇر پورتىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا قوزغىغان ھۇجۇمدا 2400 كىشى ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر