ئامېرىكا بىر پىرېزىدېنتنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا، بىر پىرېزىدېنتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولغان سېرىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى مىلوراد دودىكنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىندى.
مىلوراد دودىك، يېڭى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانىدى. ئامېرىكىنىڭ سارايبوسنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى دودىككە «قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغا ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ۋىزا بەرمىدى.
بىر سېرىپ قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دودىك، «بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا دىپلوماتىك پاسپورتىنىڭ بىر ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن سېربىيە پاسپورتى بىلەن ساياھەت قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.
مىلوراد دودىك يەنە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا مەيدانغا كەلگەن ئېتنىك مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.