يالغان خەۋەر پاكىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقالغان يالغان خەۋەرلەردىن بىرى بۇ قېتىم خەلقئارا سوغۇقچىلىققا سەۋەب بولدى.

638080
يالغان خەۋەر پاكىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنتېرنېتتە تارقالغان بىر ئاساسسىز خەۋەر ئىسرائىلىيە بىلەن پاكىستاننى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا قارىمۇقارشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى؛ AWD ناملىق بىر ئىنتېرنېت سەھىپىسى 20- دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى موشې يائالوننىڭ «پاكىستان دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ قالسا، بۇ دۆلەتنى يادرو قورالى ئىشلىتىپ يوقىتىپ تاشلايمىز» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

مەزكۇر خەۋەردىن ۋاقىپ بولغان پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ھاۋاجا ئاسىف رەسمىي ئىنتېرنېت ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پاكىستانغا يادرو قورالى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالماقتا. ئەمما، پاكىستاننىڭمۇ بىر يادرو كۈچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماقتا» دېدى.

ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مەزكۇر ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي «ئۇيدۇرما» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يالغان خەۋەرگە ئاساسەن خاتا چۈشىنىش بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئاسىف، دۆلىتىنىڭ يادرو پىلانىنىڭ پۈتۈنلەي ئەركىنلىكلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر