پاكىستان دۇنيا بانكىسىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

پاكىستان دۇنيا بانكىسىنى ئىندۇس دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

637759
پاكىستان دۇنيا بانكىسىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دائىرىلىرى دۇنيا بانكىسىدىن ئىندۇس دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمى مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى.

پاكىستان رادىيوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئىسھاق دار دۇنيا بانكىسى باشلىقى جىم يوڭ كىمگە خەت يېزىپ، 1960-يىلى ئىمزالانغان ئىندۇس دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن ماددىلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىندۇس دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان تەرەپلەر ئىچىدە ھېچقايسىسىنىڭ كېلىشىمدە بېكىتىلگەن بۇرچلىرىنى ئادا قىلماسلىقىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان دار، دۇنيا بانكىسىنى كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا بانكىسى ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا دەريا ئۈستىگە ئىككى يېڭى سۇ ئامبىرى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، ئىسلامئاباد ۋە يېڭىدېھلى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان ئىندۇس دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى رولىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلاپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا يوللار ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا چاقىردى.  

ھىندىستان مەزكۇر كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن دەريالاردىن بىرى بولغان چەنابتا ئىككى ھېدرو-ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەرپا قىلماقتا. پاكىستان بولسا چەناب ۋە نېلۇم دەريالىرىدىن كېلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ لايىھەلەرگە قارشى تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر