ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

636913
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىزمىردىن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە يېقىندا پايتەخت ئەنقەرەدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇس باش ئەلچى ئاندرېي كارلوۋ مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ھەلەب ئاھالىسىنى باشقا بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىشكەن رەھبەرلەر، سۈرىيەدە ئومومىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، كارلوۋ سۇيىقەستىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان ھەمكارلىقتىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر