سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن باش ئەلچى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى كارلوۋ ئۈچۈن موسكۋادىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

635714
سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن باش ئەلچى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مۇراسىمغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا باش ئەلچى كارلوۋنىڭ رەپىقىسى مارىنا كارلوۋ تاۋۇت سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تەزىيەلەرنى قوبۇل قىلدى.

پۇتىن مۇراسىمدا باش ئەلچىنىڭ رەپىقىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.

باش ئەلچى كارلوۋ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شېھىتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

كارلوۋ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي مۇراسىمغا  رۇس ئورتودوكس چېېركاۋىنىڭ پاترىئارخى كىرىل رىياسەتچىلىك قىلدى.

پۇتىن كارلوۋ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىللىق ئەنئەنىۋى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر