ئافغانىستاندا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر خادىمى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ ئەلى ئاباد رايونىدا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر خادىمى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

634048
ئافغانىستاندا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر خادىمى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر خادىمى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى.

قۇندۇز ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى مۇدىرى گېنېرال قاسىم جەنگەلباغ خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قۇندۇزدىن باغلانغا كېتىۋاتقان پەيتتە، ئاپتوموبىلى قۇندۇزنىڭ ئەلى ئاباد رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە  بىر خادىمنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال قاسىم جەنگەلباغ ۋەقەسى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خادىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر