ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىشتىنىنىڭ ئىستانبۇلدا تىكىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا ماينىڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىشتىنىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر خىروم كىيىم زاۋۇتىدا تىكىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

633199
ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىشتىنىنىڭ ئىستانبۇلدا تىكىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا ماينىڭ مەلۇم بىر ژۇرنالدا چىققان رەسىمىدە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان 995 فۇندلىق ئىشتىنىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان Mirror گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىيەلىك مودا ئۇستىسى ئاماندا ۋاكالېي لايىھلىگەن بۇ ئىشتان، ئىستانبۇل گۈنگۆرەندە بىر فابرىكىسى، زەيتىنبۇرنۇدا بىر ماگزىنى بولغان مەلۇم بىر خىروم كىيىم زاۋۇتى تەرىپىدىن تىكىلگەن.

تېرېسا ماينىڭ ئىشتىنى ئەنگلىيە مائارىپ مىنىستىرى نىكاي مورگاننىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

مورگان بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەنىدى: «مەن بىر ئىشتانغا بۇنچىلىك كۆپ پۇل خەجلەيدىغان بولسام سايلىغۇچىلىرىمنىڭ يۈزىگە قارىيالمىغان بولاتتىم.»

مورگاننىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 950 فۇندلۇق بىر سومكىسى بارلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر