خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدا تۇتۇۋالغان ئامېرىكىنىڭ ئىنسانسىز سۇ ئاستى ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلا قىلدى.

633281
خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئەھۋالنى دراممىلاشتۇرۇپ، چوڭايتىۋەتتى دەپ قارىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۇ ئاستى ئاپپاراتىنىڭ فىلىپپىننىڭ سۇبىن قولتۇقىغا 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۇ ئاستى ئاپپاراتىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ نامەلۇم بىر ئاپپارات بايقىغانلىقىنى، شۇڭا دېڭىز سەپىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپپاراتنى سۇدىن سۈزۈۋالغانلىقىنى، كېيىنچە ئاپپاراتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئاپپاراتنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، بىراق بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە كېلىشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپنىڭ نارازىلىقى

8-نويابىردىكى سايلامدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەقەگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا: «خىتايغا ئوغرىلىۋالغان ئاپپاراتنى ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى دەپ قويىشىمىز لازىم، ئاپپارات ئۇلاردا قىپقالسۇن» دېدى.

مەزكۇر ۋەقە، ۋاشىنگتون بىلەن ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشەلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. بىرۇنېي، فىلىپپىن، ۋىيېتنام ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر رايوندا ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان رايونلاردا ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە قارشى تۇرماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر