بىريۇسسېلدا ھەلەب ئاھالىسىنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈزلەرچە كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىنالىرىنىڭ ئالدىدا سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ۋە قورشاۋلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

633607
بىريۇسسېلدا ھەلەب ئاھالىسىنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىنالىرىمۇ جايلاشقان سچۇمان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا،  نامايىشچىلار «ھەلەبنى قۇتقۇزۇڭلار»، «ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىز ھەلەبتە»، «ھەلەب ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ»، «ھەلەبتە قەتلىئام يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ» دېگەن خەتلەر لوزۇنكىلار ۋە تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

نامايىشتا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ھەلەبتە پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارىتا غەزەپ – نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ۋە سۈرىيەدە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشىمىز لازىم» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر