ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەلەب توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەلەبكە مۇناسىۋەتلىك قارار لايھىەسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

632981
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەلەب توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ھەلەبكە مۇناسىۋەتلىك فىرانسىيە تەرىپىدىن تەييارلىنىپ كېڭەشكە سۇنۇلغان قارار لايىھەسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېپىق يىغىن چاقىردى.

تەخمىنەن ئۈچ سائەت داۋاملاشقان كېڭەشتىن كېيىن قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ بىر كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېپىق يىغىندا رۇسىيە فىرانسىيە تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغان تەقدىردە ۋېتو قىلىش ھەققىنى ئىشلىتىپ، ئۆزى تەييارلاپ چىققان قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا، تەرەپلەر ئىككى قارار لايىھەسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن كېڭەشتى. يىغىندىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فىرانچوس دېلاتترې مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كېڭەشتە ئۆزلىرى تەييارلاپ چىققان قارار لايىھەسىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ تۈركىيە ۋاقتى 17:00دا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان دېلاتترې مۇنداق دېدى: «بىز تەييارلاپ چىققان قارار لايىھەسىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق مەزمۇنى بار: پۇقرالارنى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇش، ياردەم بۇيۇملىرىنى شەھەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە سەھىيە خادىملىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ناۋادا قارار لايىھەمىز قوبۇل قىلىنىپ قالسا، خەلقئارادىن كۆزەتكۈچىلەر ھەلەبكە بېرىپ تۇرالايدۇ ۋە ھەلەب شەھىرىنىڭ ئىككىنچى بىر سرېبرېنىتساغا ئايلنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.»

كېڭەشتە ھازىرغىچە، رۇسىيە  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك 6 قارار لايىھەسىنى، خىتاي بولسا 5 قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاي تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىسپانىيە، مىسىر ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر