ئامېرىكا: بېيجىڭ بىلەن سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەسىلىسى بويىچە بىۋاسىتە كۆرۈشتۇق

ۋاشىنگتون، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

632670
ئامېرىكا: بېيجىڭ بىلەن سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەسىلىسى بويىچە بىۋاسىتە كۆرۈشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى پېتېر كۇك، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئامېرىكا سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ۋاشىنگتوننىڭ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ خەلقئارا تەۋەلىكىدە ئۈزۈۋاتقان ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانۇنسىز يوسۇندا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئېتىراز  بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن باياناتچى پېتېر كۇك، «خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە، خىتايلارنىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىنى ئالدۇق» دېدى.

پېنتاگون باياناتچىلىرىدىن يۈز بېشى جېف داۋىس تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئىلمىي ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئورتاقلاشقانىدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا بەرپا قىلغان سۈنئىي ئاراللارغا ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنى قۇرۇش ئارقىلىق دەتالاشلىق دېڭىزدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، يەر ئاستى بايلىقلىرى مول مەزكۇر رايوندا فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرى داۋاملاشماقتا.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق قاراشلىرىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر