خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇتۇپ كەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئېتىرازىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزاقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

632322
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇتۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تالاش - تارتىشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكىغا تەۋە ئۇزاقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتنى تۇتۇۋالدى. 

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يۈز بېشى جېف داۋىس پانتاگوندا ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى جېف داۋىس، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئاستىدا ئىلمىي مەلۇمات توپلايدىغان ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئىنسانسىز سۇ ئاستى پارخوتىنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئېتىرازىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزاقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى مول بولۇپ، خىتاي ئىگىلىك داۋاسى سەۋەبىدىن قوشنىلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تالاش - تارتىشلىق رايونغا سۇنئىي ئاراللارنى ياساپ، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇئەسسەلەرنى ياساپ چېقىش ئارقىلىق تالاش - تارتىشلىق دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ ئىگىلىك داۋاسىغا ئامېرىكا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قارشى چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر