ب د ت مۇسۇلدا 10000مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى مۇسۇلدا 10000مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن 17-ئۆكتەبىردە باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا، 96864 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئورگاننىڭ باياناتچىسى ئادرىيان ئېدۋاردىس مۇسۇلدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان قالغان كىشىلەر ئىچىدە 57 مىڭ كىشىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا تەۋە مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا تەۋە 6 مۇساپىرلار لاگېرىدا مۇساپىرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە يەنە 3 مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىنى ئېيقان ئېدۋاردىس، 9 لاگېردا 102مىڭ مۇساپىرنىڭ قالالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئادرىيان ئېدۋاردىس ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مۇسۇل ئۈچۈن ئاجراتقان 196 مىليارد 200مىڭ ياۋرونىڭ ئاران %57نىڭ مۇساپىرلارغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇسۇلدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرنى ياردەم قىلىشقا چاقىرغان ئېدۋاردىس، لاگېرىدىكى مۇساپىرلارغا ئەدىيال ۋە يوتقان-كۆپىلەرنىڭ تارقىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىكا لاگېرىدا تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى، 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.