ئامېرىكىنىڭ پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قورال بىلەن تەمىنلىشى دەلىللەندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا قورال ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايونغا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 13 قېتىم قورال – ياراغ يوللىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈنۈگۈنمۇ كۆپ مىقداردا قورال چۈشۈردى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كارگو تىك ئۇچار ئايروپىلانى پ ي د غا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان راكېتامىيوت ئاتار، تانكىئاتار ۋە پىيادە قىسىم ئاپتوماتىك قوراللىرىنى ئەينۇلئەرەب (كوبانى) كە چۈشۈردى.
رايوندىكى مەنبەلەر، تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە 7 قېتىم قورال تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«فىراتنىڭ غەزىپى» نامى ئاستىدا باشلانغان راققە ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن قوراللار، سەد تىشرىن ئارقىلىق ئەلباب رايونىغا ئەۋەتىلمەكتە.
پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەۋەتىلگەن قوراللار بىلەن مۇنبىچ – ئەلباب لىنىيەسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى – ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى ئىتتىپاقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.