شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى» تاقىۋېتىلدى

خىتايدا خۇيزۇلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى»ئېچىلماس بولۇپ قالدى.

630862
شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى» تاقىۋېتىلدى

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى» ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئېچىلماس بولۇپ قالغان بولۇپ،  تىزىملاتماقچى بولغانلار «كەچۈرۈم سورايمىز، تور بېتىمىزنى رەتلەۋاتىمىز»دېگەن خەتنىلا كۆرلەيدىكەن.  

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بېكەتلىرىدىن بولغان «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى»دە،  خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەنقىدلەپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغانلىقى، لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا مەزكۇر تور بېكىتىنى زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ تور بېكىتى خىتايدىكى خۇيزۇلارغا ۋە ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار بولغان تور بېكەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ ياش زىيارەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ تور بېكىتى  دىنى ۋە ئېتىقادىي مەسىلىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تور بېكىتى ئىكەن.

خىتاي دائىرلىرى دىنى رادىكالىزىمنىڭ خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان  شىنجاڭ  رايونىدىن ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مۇسۇلمانلار تور بېكىتى»دىكى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەنقىلەپ يېزىلغان ئوچۇق خەتتە، بۇ يىل 10-ئايدا تۇتۇلغان 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تور بېكىتىگە شى جىنپىڭ بىلەن گېتلىرنىڭ ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن رەسمىنى بىر مايكىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ئېلان قىلغانىدى، ئارقىدىن بەزى كىشىلەر مۇسۇلمانلار تور بېكىتىنى دىنى رادىكالىزىمنى تەرغىپ قىلىش بىلەن ئەيىبلەشكەنىدى.

رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىنتېرنېت ئىشلىرى مەركىزى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن، ھەتتا مۇسۇلمانلار تور بېېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر