ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى

سۈرىيەدە ئىران قوماندانلىقىدىكى شىئە كۈچلىرى بىلەن بەششار ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتە قايتىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە تۈركىيە ئۆكتىچىلەرگە، رۇسىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە كېپىل بولدى.

631150
ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىغان تەقدىردە، پۇقرالارنى رايوندىن چىقىرىپ، ئاپتوبۇسلار بىلەن باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈلمەكتە.

ئەنقەرە دەپسەندە قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە پۇقرالارنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش كارىدورى ئېچىش ئۈچۈن ناھايتى قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باراماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەلەبتە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە تېلېفونلىشىپ، يەنە بىر قېتىم ھەلەب مەسىلىسى ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيە ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، بىخەتەرلىك كارىدورلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۇقرالار ۋە ئۆكتىچىلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىنغا بىخەتەرلىك كارىدورى ئېچىلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشقان. تۈركىيە ئۆكتىچىلەرگە، رۇسىيە بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە كېپىل بولغان.

قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندىن چىققانلارنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىگە ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب خاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر