ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى نۆۋەتچى باشلىقى تۈركىيە ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى

مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېئورگى ۋېللا، 28 ئەزاسى بار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

629487
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى نۆۋەتچى باشلىقى تۈركىيە ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈۋالىدىغان مالتا، تۈركىيەگە دىپلوماتىك قولىنى سوزغان ھالدا، «ئەنقەرەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشى كۈتۈلىدىغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بەزى ئىجابىي سىگناللار يوللىنىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېئورگى ۋېللا، بۇنىڭ مالتانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم بىر قوشنىسىنى يېقىن بىر شېرىك سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ئوچۇق قالدۇرۇلۇشىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «تۈركلەر  (مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش) كېلىشىمنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت قىسمىنى ئورۇندىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، بۇ توغرا، ئەگەدە كۆچمەنلىكنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن، بىز بۇنىڭ بەدىلىگە نېمە بەردۇق؟ مۇھىم بولغىنى بۇدۇر. مەن يەنە، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە سۆزلىشىشنى قىيىن ئەمەس، دەپ قارايمەن.» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر