ئامېرىكا پ ك ك غا يەنە قورال - ياراغ بەردى

ئامېرىكا ئىستانبۇلدىكى خائىنلارچە ھۇجۇملاردا 44 كىشىنى شېھىت قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قورال - ياراغ بەرمەكتە.

629621
ئامېرىكا پ ك ك غا يەنە قورال - ياراغ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيەدە پ ك ك / پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى كوبانى (ئەينەل ئەرەب)، رىمەيلان، قامىشلى ۋە ئەين ئىسا رايونلىرىغا يەنە ئايروپىلان ئارقىلىق قورال - ياراغ يەتكۈزۈپ بەردى.

پ ي د لىقلار «كىچىك بىر قوشۇن تەشكىل قىلىنىدۇ» دەپ ئېتىراپتا بولغان قورال - ياراغ ئىسكىلاتىدا زېنىت توپلارمۇ بار بولۇپ، ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ رايونغا قىلغان قورال - ياراغ ياردەملىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر