ھەلەبتىن كەلگەن ئاخىرقى نىدا

ھەلەبتە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر يوللىغان «ياردەم پەرىشتىسى» فارىس ئەبۇ ئىسلام ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا: «مەندىن رازى بولۇڭلار» دېدى.

629653
ھەلەبتىن كەلگەن ئاخىرقى نىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋى ۋە ھۇجۇمى ئاستىدىكى ھەلەبتە، ئۆز ھاياتىنى ئويلاپمۇ قويماستىن باشقىلارغا ياردەم قىلىۋاتقان فارىس ئەبۇ ئىسلام بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فارىس ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا ئاخىرقى قېتىم تۆۋەدىكىدەك ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىدى:

«مەندىن رازى بولۇڭلار، قانداق قىلىمىز ئەمدى، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئامال يوق. ھەممىگە ئاللاھ بار، بىزنى ئۇنتۇمايدۇ، ئىنشائاللاھ. بىزنى ئۇنتۇماڭلار.»

رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا بەئەينى خارابىلىككە ئايلانغان، بومباردىمانلار ۋە مۇھاسىرە سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ھەلەبتە، قەتلىئام بولماي تۇرۇپ كۈن ئۆتمەيدۇ. ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىۋاتقان شەھەرگە قىلىنىۋاتقان بومباردىمانلاردا، پۇقرالاردىن باشقا ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارمۇ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى خالىس قوللاش ۋە خەلققە قول-قانات ئاچقانلىقى سەۋەبىدىن «ياردەم پەرىشتىسى» دەپ ئاتالغان 27 ياشلىق فارىس ئەبۇ ئىسلام، بۇ قانلىق ھۇجۇمنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندى. فارىس ئەبۇ ئىسلام ھەلەبنىڭ شەرقىدە شىددەتلىك ئېتىشۋازلىقلار بولۇۋاتقان رايوندىكى بىر ئائىلىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن يۈگۈردى. ئۇ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ئائىلىنى بىخەتەر جايغا ئاپارغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، ماشىنىسىنىڭ يېنىغىلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى. فارىس ئەبۇ ئىسلام پارتلاشتا يارىلاندى، چەكلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە ساقلىق ساقلاش مەركىزىي ئۇنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بارلىق تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فارىس ئەبۇ ئىسلام سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان ئالتە يىلدىن بۇيان ئىمكاندەر (İMKANDER) گە ئوخشاش ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا خالىس ياردەم قىلدى. رايونغا يېتىپ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەن ئىدى.

فارىس ئەبۇ ئىسلام 2016-يىلى 26-ئاپرېل ئىمكاندەر ئىشلىتىۋاتقان، سۈرىيەلىكلەر تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيگە بومبا چۈشكەندە، يارىلانغان دوستلىرىنىڭ قۇتقۇزۇلۇش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ تونۇلغان ئىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا، تۆت دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇندىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ھەلەبنىڭ ۋەزىيىتىنى سورىغاندا، ئۇ ھەلەبتىكى تۈركمەنلەر تۇرىدىغان جايلارنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن پ ي د نىڭ بۆلۈشۈۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە، تۈركمەنلەرنىڭ قولىدا ھېچقانداق تۇرالغۇ جايىنىڭ قالمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق دوختۇرخانىنىڭ ساق قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇنداق بولسىمۇ ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:

«ھازىر پەقەت تۈركىيەلا بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، باشقا دۆلەتلەر بىزنى ئۇنتۇدى. تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئۇنتۇمىدى، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇمىسۇن.»

فارىس ئەبۇ ئىسلام ھەلەبتىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى:

«قورقۇنچ بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە. ھەممە ئادەم قولىنى يۈرىكىگە قويۇپ ياشايدۇ. بومبا ئاۋازى ئاڭلانغاندا، كىشىلەر يىغلاشقا باشلايدۇ. بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر ئۆزلىرى، يەنە بىرى ئاللاھ بىلىدۇ. ئۆيلەردە سۇ، توك يوق. بىر لىتىر سۇ 20 لىرا، نان ئىزدىسەك تېپىلمايدۇ. تېپىلغان تەقدىردىمۇ تۆت نان 100 لىرا، يەنە كېلىپ بىر كۈن بار، بىر كۈن يوق، گازمۇ يوق. ئۇن-گۈرۈچلەرمۇ ئازىيىپ كەتتى، ئەمما جاپا-مۇشەققەت كۆپ.»

ئۇ: «ھەلەبتىكى كىشىلەرنىڭ چىداپ تۇرالىغىدەك كۈچى قالمىدى، بوپتۇ بىز جېنىمزىدىن ۋاز كەچتۇق، بىراق بالىلىرىمىزنىڭ نېمە گۇناھى بار؟» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.

ئۇ پارتلاشتىن سەللا ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا: «كوچىلاردا ئۇرۇش بار، شۇڭا سىرتقا چىقالمىدۇق» دەپ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەۋەتكەن يەنە بىر ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا مۇنۇ سۆزلەرنى قالدۇردى:

««مەندىن رازى بولۇڭلار، قانداق قىلىمىز ئەمدى، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئامال يوق. ھەممىگە ئاللاھ بار، بىزنى ئۇنتۇمايدۇ، ئىنشائاللاھ. بىزنى ئۇنتۇماڭلار، بۇ ئۆلۈملۈك دۇنيا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر