ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا تۇنجى قېتىم سىياسىي دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

629007
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىمنى بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز ئىمزالىدى.  

Russia Today  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇبا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى بىلەن شۇنداق كېلىشىم تۈزگەن بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن.

كېلىشىم ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە كۇبا پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىكەن.

كۇبا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا مارت ئېيىدا ئىمزالانغان نورماللىشىش كېلىشىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ ماقۇللىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر