خىتاي ترامپنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ترامپنى ئاگاھلاندۇردى.

628829
خىتاي ترامپنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ «بىرلا خىتاي سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق» دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دونالد ترامپنىڭ باياناتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ۋاشىنگتوننىڭ «بىرلا خىتاي سىياسىتى» نىڭ خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى  يى چۈشىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە قارىتا سەزگۈرلۈكىنى تولۇق چۈشىنىشكە چاقىرىمىز.»

خىتاي تاراتقۇلىرىدىمۇ ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ سۆھبەت تېمىسى بولالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى بولغان «‹ Global Times› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ھېچقانداق تەسىر كۈچى قالمايدۇ»  سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، Fox TV دىكى سۆھبىتىدە قىلغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن ترامپنىڭ تەجرىبىسىز ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەمدە ترامپ «<بىرلا خىتاي سىياسىتىنى چۈشىنىمىز> دەپ قويغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالىدۇ» دەپ ئەيىبلەندى.

ترامپ ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭدىن خەلقئارا سەھنىلەردە دوستانە پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتمەسلىكى لازىملىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە قارىتا يېڭى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ھېچقانداق تەسىر كۈچى قالمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ترامپ  ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قاتارلىق مەسىلىلەردە  يېڭى كېلىشىم تۈزمەستىن بىرلا خىتاي سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش  مەجبۇرىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر