نىگېرىيەدىكى بىر چېركاۋدا 160 ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئۇيو شەھىرىدىكى بىر چېركاۋدا قازا يۈز بېرىپ، 160 ئادەم ئۆلدى.

628137
نىگېرىيەدىكى بىر چېركاۋدا 160 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئۇيو شەھىرىدىكى بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى بېسىۋېلىپ، 160 ئادەم ئۆلدى.

نىگېرىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلار، يېڭى ئېپىسكوپنىڭ ۋەزىپە باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلۇش ھالىتىدىكى چېركاۋنىڭ قانچە توننا ئېغىرلىقتىكى ئۆگزىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 160 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، پاجىئەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر